يۇلتۇزلار
مەن ئايدىڭ كېچىنى ياخشى كۆرىمەن، يۇلتۇزلۇق ئاسماننىمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئىلگىرى يۇرتۇمدىكى چاغدا 7-، 8-ئايلاردا ئاخشاملىرى ھويلىغا چىقىپ سالقىنلايدىغان چاغلاردا ئاسماندا جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىم. يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا تىكىلگىنىمدە ھەممىنى ئۇنتۇپ، ئۆزۈمنى خۇددى ئانامنىڭ قوينىدا ياتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
قاراڭ، ئاسماندىكى گىگانت ئادەم، ئۇ گىگانت ئادەم يۈگۈرمەكتە!