ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى-ئۇيغۇر مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان-ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك-خاھىشلىرى، تارىخىي رېئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت-نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي ئەدەبىيات ۋە ئۇسۇل قاتارلىق خىلمۇخىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى مىللىي ۋە ئۆزىگە خاس مىلودىيىسى، مۇئەييەن سىستېمىلاشقان مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى، كۈيلىرىنىڭ موللىقى ۋە مەزمۇندارلىقى، ئۇرغۇ-تىمپىلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى، رېتىملىرىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقى، مۇزىكىلىق ئوبرازلىرىنىڭ خىلمۇخىللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ كلاسسىك مۇزىكىلىرىدىن ياكى "مۇقام" لىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخى جەريانىدا شەكىللەنگەن پەلسەپىسى، پىسخولوگىيىسى، زېمىنىگە ئۇيغۇن ياشاش ئۇسۇلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە ئەخلاقىي چۈشەنچىلىرى قاتارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى ھالەتلىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان. شۇڭا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى مىلودىيە، تۈس، پۇراق، ئۇرغۇ، رىتىم جەھەتلىرىدىن مۇئەييەن خاسلىققا ئىگە. مۇقامدا مىلودىيە شۇنداق قاتمۇ-قاتكى، بىرخىل كۈي ۋە بىرخىل ۋەزن ئىچىدە ئانا تون ياكى تۈپ مىلودىيە غول قىلىنغان ھالدا ھەرخىل تارماق مىلودىيىلەر كېلىپ چىقىدۇ. مىلودىيىدە، يەنە كېلىپ، زەنجىردەك سىجىل تېمىلار ناھايىتى كۆپ، بۇ تېمىلار مۇئەييەن لىنىيىنى بويلاپ، گىرەلەشكەن ھالدا راۋاجلىنىپ، ھەرخىل مۇزىكىلىق ئوبرازلارنى يارىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇقاملىرى تىڭشىغۇچىلاردا ھاياجانلىق ياكى جەڭگىۋارلىق، خوشاللىق ۋە ئۈمىدۋارلىق، جۇشقۇنلۇق ۋە كۆتۈرەڭگۈلۈك، مۇڭلۇق ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرىنى دەرھال پەيدا خىيالچانلىق، مۇھەببەت ياكى قىلىدۇ.
